Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 قېرىنداشلار، مەن ھەرگىز ئۆزۈمنى بۇ مەقسەتكە يېتىپ بولدۇم، دەپ قارىمايمەن. لېكىن مەن شۇنداق قىلىمەنكى، خۇددى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە كەينىگە قارىماي يۈگۈرۈۋاتقان ئادەمدەك، مەنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئويلىماي، كەلگۈسىدىكى نىشانغا قاراپ تىرىشىمەن.

Gade chapit la Kopi




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:13
15 Referans Kwoze  

- قوش ھەيدەۋېتىپ، توختىماي كەينىگە قارايدىغان ئادەمدەك، بۇرۇنقى ھاياتىڭلاردىن مېھرىڭلارنى ئۈزەلمىسەڭلار، خۇداغا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولمايسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


بۇنداق دېيىش بىلەن، بۇ مەقسەتكە ئېرىشىپ بولدۇم ياكى كامالەتكە يەتتىم، دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مېنى نېمە مەقسەت بىلەن قۇتقۇزغان بولسا، مەنمۇ شۇ مەقسەت ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈۋاتىمەن.


ئۆتۈنىمەن پەرۋەردىگاردىن بىر ئىشنى، ئېيتاي يەنى ئىستىگىمنى: «ياشاپ بىر ئۆمۈر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، قانسام ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە، تەپەككۇر قىلالىسام ئىگەم ھەققىدە.»


مەن قەتئىي شۇنداق قارايمەنكى، رەببىم ئەيسا مەسىھنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا ھەرقانداق ئىش قەدىرسىزدۇر. ئەيسا مەسىھنى تونۇپ يېتىشىم ۋە ئۇنىڭغا زىچ باغلىنىشىم ئۈچۈن، ھەممىنى تاشلىۋەتتىم ھەمدە ئۇلارنى ئەخلەت، دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بولدى. چۈنكى بۇ ھەققانىيلىق ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن كەلدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان يامانلىقلاردىن يېنىش، خۇداغا ئىشىنىش، چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش، باشقىلارغا قول تەگكۈزۈپ دۇئا قىلىش، تىرىلدۈرۈلۈش ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم قاتارلىق تەلىملەرگە قايتا ئاساس سالىمىز، دەپ ئولتۇرمايلى. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خىل باشلانغۇچ تەلىملەردە توختاپ قالماي، يېتىلىشكە قاراپ ماڭايلى.


شۇڭلاشقا، ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەن ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا ھەمىشە سۆزۈمنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، سىلەردىن ئايرىلغان مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ سۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلاڭلار. خۇدادىن قورقۇپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ، خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزغاندا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتنى تۇرمۇشۇڭلارغا تەتبىقلاشقا تىرىشىڭلار.


بىراق، بىرلا مۇھىم ئىش بار. مەريەم شۇ ياخشى ئىشنى تاللىۋالدى. بۇنى ھېچكىم ئۇنىڭدىن تارتىۋالالمايدۇ.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، رەببىمىز ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا، ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر كۈن مىڭ يىلدەك، مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمگە بۇ دۇنيانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قارىمايمىز. گەرچە بىز بۇرۇن مۇشۇ كۆزقاراش بىلەن ئەيسا مەسىھنى پەقەتلا بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان دەپ قارىغان بولساقمۇ، ئەمدى ئۇنداق دەپ قارىمايمىز.


تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە، ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite