Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مېنىڭ ھازىرقى مەقسىتىم، ئەيسا مەسىھنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىش قۇدرىتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىش

Gade chapit la Kopi




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3:10
34 Referans Kwoze  

ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.


خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز.


مەن قەتئىي شۇنداق قارايمەنكى، رەببىم ئەيسا مەسىھنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا ھەرقانداق ئىش قەدىرسىزدۇر. ئەيسا مەسىھنى تونۇپ يېتىشىم ۋە ئۇنىڭغا زىچ باغلىنىشىم ئۈچۈن، ھەممىنى تاشلىۋەتتىم ھەمدە ئۇلارنى ئەخلەت، دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بولدى. چۈنكى بۇ ھەققانىيلىق ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن كەلدى.


خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساق، ئۇ چاغدا خۇدانى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز.


ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە تىرىلگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ئەرشتىكى ئىشلارغا ئىنتىلىڭلار. ئەيسا مەسىھ ئەرشتە خۇدانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ.


مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.


بىز ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولساق، ئۇ ئارقىلىق يەنە كۆپ تەسەللىمۇ تاپىمىز.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ئۇ بىزگە چەكسىز رەھىمدىللىك كۆرسىتىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغۇلدۇرۇپ، ئۆچمەس بىر ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.


ئۇ قارىماققا ئاجىزلىق ئىچىدە كرېستكە مىخلانغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھاياتتۇر. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش قارىماققا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ ياشاپ، سىلەرگە خىزمەت قىلماقتىمىز.


لېكىن، خۇدانىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلساق، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ھەقىقەتەن مۇكەممەل ئىپادىلىگەن بولىمىز. ئۆزىمىزنىڭ خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلەلەيمىز.


مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر.


چۈنكى، خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلگەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئەيسا مەسىھنى بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغلى قىلىش ئىدى.


ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.


سىلەر بۇرۇن گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار ۋە گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. بىراق، خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلدى.


بۇ ۋەزىپە تاكى بىزنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلىشتا بىردەك بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز ھەمدە ئېتىقاد جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش بولۇشىمىزغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.


خۇدا بىزنى چوڭ بىر ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۈمىدىمىز بىزنى كەلگۈسىدە يەنە قۇتۇلدۇرىدىغان خۇداغا باغلانغان.


جېنىمنى ھېچكىم ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى بېرىشكە ۋە قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاتام ماڭا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئازاب قەدىھىمگە ئورتاق بولىسىلەر. بىراق، ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس. ئاتام ئۇ ئورۇنلارنى كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دانا كىشىلەر ئۆز دانالىقى ھەققىدە ماختانمىسۇن. كۈچلۈك ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكى ھەققىدە ماختانمىسۇن. بايلار ئۆز بايلىقلىرى ھەققىدە ماختانمىسۇن.


خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «سېنى دەپ كۈن بويى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرۇۋاتىمىز. سويۇلىدىغان قويلار ئورنىدا قارىلىۋاتىمىز.»


بۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىشلار بىلەن مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى، بەدىنىمدە قالغان يارا ئىزلىرى مېنىڭ ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن خۇش خەۋەر تارقىتىش يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنىڭ ئىزناسىدۇر.


ھايات ۋاقتىمدا بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۈم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite