9 شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خۇدا ئۇنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھەممىدىن ئۈستۈن نام-شۆھرەتنى بەردى.
ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسىدا «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نامى يېزىلغانىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: - ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.
تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھ ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرماقتا. پەرىشتىلەر، ئەرشتىكى ھوقۇقدارلار ۋە باشقا بارلىق كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا تىز پۈكمەكتە.
لېكىن، ھازىر بىز ئۆزىنى قۇربان قىلىش سەۋەبىدىن شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھنى كۆردۇق. ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى دەپ، بىر مەزگىل پەرىشتىلەردىن تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى.
قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارىم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ئۇ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىززەتلىنىدۇ ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ.
ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېيىشەتتى: «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، بايلىق، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر.»
ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق، شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلىندى. ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق ئەل ۋە خەلقلەر ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەبەدىي بولىدۇ، پادىشاھلىقى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھېچقاچان گۇمران بولمايدۇ.
دېمەك، ئوغۇلغا بېرىلگەن مەرتىۋە پەرىشتىلەرنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن بولغىنىدەك، ئوغۇلنىڭ ئۆزىمۇ ئۇلاردىن كۆپ ئۈستۈندۇر.
مەن ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم قىلىمەن، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھ قىلىپ تىكلەيمەن.
كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.
مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن، ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ، گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.»
پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە: «ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا، مەن دەسسەتكۈچە دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا.»
ئى ئاتا، سېنىڭ يېنىڭغا قايتقىنىمدا، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن بىز بەھرىمەن بولغان ئۇلۇغلۇقتىن مېنى قايتا بەھرىمەن قىلغايسەن.
ئى پەرۋەردىگار، تۇرار ئىگەم سېنىڭ ئوڭ تەرىپىڭدە، پادىشاھلارنى بىتچىت قىلار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە.
مەن غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ غەلىبە قىلغۇچىلارغا تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.
ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە: - ئاتام ھەممىنى ماڭا ئاتا قىلدى. مېنىڭ كىملىكىمنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتامنىڭ كىملىكىنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، - دېدى.
ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
دەيدۇكى پەرۋەردىگار: «مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى قۇتقۇزىمەن. مېنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن قوغدايمەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»
سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،
ئەيسا مەسىھ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىمىزدىن شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن.
خۇدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسانى يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئاتىسىنىڭ ھەممە ھوقۇقنى ئۆزىگە ئامانەت قىلغانلىقىنى، ئاتىسى خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
ئاتام ھەممىنى ماڭا تەقدىم قىلدى. مېنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ئاتامنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ.
سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ، سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.
مەن ئەمدى ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئۇلارنى بۇ دۇنيادا قالدۇرۇپ، سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىغىن. بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن.
مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھالاكەت يولىغا ماڭغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. مۇقەددەس يازمىلاردىكى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى توغرۇلۇق ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، مۇشۇنداق بولدى.
خۇدا بۇنى ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتنى بىرلىكتە ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشىغا قويىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەر ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇ ئارقىلىق شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر. بۇ، خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كېلىدۇ.
ھەققانىيەتنى سۆيدۈڭ، ناھەقلىقتىن نەپرەتلەندىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا - سېنىڭ ئىگەڭنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شان-شۆھرەت ۋە پەخرىي شادلىقى ھەمراھلىرىڭغا ئاتا قىلغىنىدىن كۆپ زىيادىدۇر» دېگەن.
چۈنكى، ئۇلار بۇ سەپەردە ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ھەرقانداق ياردىمىنى قوبۇل قىلماي، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىدە يولغا چىقتى.