Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ خۇرسەن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۇنى تېزلا يولغا سالماقچىمەن. شۇنداق قىلسام، مەن سىلەردىن كۆپ ئەنسىرمەيدىغان بولىمەن.

Gade chapit la Kopi




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:28
10 Referans Kwoze  

شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن. شۇ چاغدا، قەلبىڭلار خۇشاللىققا چۆمىدۇ. خۇشاللىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ.


ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا ئاققۇزغان كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. سەن بىلەن كۆرۈشۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشنىڭ ئورنىغا خەت يازدىم. مەقسىتىم، يېنىڭلارغا بارغان ۋاقتىمدا مېنى خۇشال قىلىشقا تېگىشلىك بولغان سىلەرنىڭ ئەكسىچە مېنى قايغۇغا سالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. مەن ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلاردۇر.


ئۇلارنى ئەڭ مەيۈسلەندۈرگىنى پاۋلۇسنىڭ، «بۇنىڭدىن كېيىن مېنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر» دېگەن سۆزى بولدى. كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىپ ئۇزىتىپ قويدى.


يۈسۈپكە: _ ئەسلى سېنى قايتا كۆرەرمەن، دەپ ئويلىمىغانىدىم. مانا ئەمدى خۇدا ماڭا سېنىڭ ئوغۇللىرىڭنىمۇ كۆرسەتتى! _ دېدى.


شۇڭا، ئۇنى قېرىندىشىڭلارنى كۈتۈۋالغاندەك خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر ھەمدە بۇنداق كىشىلەرنى ھۆرمەتلىگەيسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite