Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 سىلەرگە مەلۇمكى، تىموتىي ئۆزىنىڭ ياخشى بىر ياردەمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ خۇددى ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا ياردەم قىلغىنىغا ئوخشاش، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئىشلىدى.

Gade chapit la Kopi




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:22
20 Referans Kwoze  

ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان تىموتىينى مۇشۇنداق قىلىشىڭلارغا ياردەم بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يېڭى ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىتىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتچىلىككە ئۆگەتكەنلىرىم بىلەن بىردەك.


ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


ئالدىنقى خېتىمنى يېزىشىمدىكى سەۋەب سىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشتا مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان-ئاڭلىمايدىغانلىقىڭلارنى سىناش ئۈچۈن ئىدى.


ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقلارنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلساڭ، رەببىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلالايسەن.


بىز كۆپ قېتىم ۋە كۆپ ئىشلاردا سىناش ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە قىزغىن دەپ قارىغان يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئەۋەتمەكچىمىز. ئۇ سىلەرنىڭ بۇ ئىئانە ئىشىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشەندى. بۇ ئىشەنچ ئۇنىڭ سىلەرگە ياردەم بېرىشتىكى قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.


خۇدائاتىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان ئورتاق ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


لېكىن، سەن مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، ھاياتلىق نىشانىم، ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم ھەمدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكىم ۋە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمگە دىققەت-ئېتىبارىڭنى قارىتىپ كەلدىڭ. بولۇپمۇ ئانتاكيا، كونيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرگە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىمدىن ھەمدە رەببىمىزنىڭ مېنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرىڭ بار.


ھازىر مېنىڭ يېنىمدا تىموتىيدىن باشقا ماڭا ئوخشاش سىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق.


شۇڭا، سىلەر ھەرقايسى جامائەتچىلىكلەر ئالدىدا ئۇلارغا مۇھەببىتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار. شۇنىڭ بىلەن، جامائەتچىلىكلەر بىزنىڭ سىلەردىن ماختىنىشىمىزنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن.


بۇ سۆزلىرىمنى سىلەرگە بۇيرۇق تەرىقىسىدە ئېيتقىنىم يوق. مەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنىڭ سەمىمىيلىكىنى ماكېدونىيىدىكى جامائەتچىلىكلەرنىڭ ئىئانە توپلاش جەريانىدا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سىناپ كۆرمەكچىمەن.


لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينى ماختىشاتتى.


سەۋرچانلىقىمىز بىزنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن قىلىدۇ؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن بولساق، بىزدە تەۋرەنمەس ئۈمىد پەيدا بولىدۇ.


تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغاندا، ئۇنىڭ قورقماي، ئەركىن-ئازادە بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش، رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.


چۈنكى، مەن ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان بىرىنچى كۈندىن ھازىرغىچە، سىلەر مېنىڭ بۇ خىزمىتىمنى قوللاپ كەلدىڭلار.


مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار.


قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، بېشىمغا كەلگەن بۇ جاپا-مۇشەققەتلەر خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولدى.


بۇلار مېنىڭ خۇش خەۋەرنى قوغداشقا تەيىنلەنگەنلىكىمنى بىلىپ، مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ.


بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلىرىڭنىڭ سەمىگە سالساڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئەگەشكەن ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھەقىقەت ۋە توغرا تەلىملەر بىلەن ئوزۇقلانغانلىقىڭ ئايان بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite