Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئوخشاش ئوي-پىكىر، ساپ مېھىر-مۇھەببەت ۋە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار. شۇنداق بولغاندا، مېنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:2
28 Referans Kwoze  

ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈڭلار، مەغرۇرلانماڭلار. ئەكسىچە، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ھەرگىز بىلەرمەن بولۇۋالماڭلار.


قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەممىڭلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا، بۆلۈنمەسلىككە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرلىشىشكە ئۈندەيمەن.


ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، خۇشال-خۇرام بولۇڭلار، ئېتىقادتا يېتىلگەن ئادەم بولۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار. نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىناق ئۆتۈڭلار. مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئامانلىق مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولغاي!


مەن ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر.


ھەر كۈنى، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى.


پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.


ئەي، رەببىمىز سۆيگەن قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن ھەر دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. سەۋەبى، سىلەرنىڭ مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن پاك قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئالدىن تاللىدى.


چۈنكى، مەن سىلەر بىلەن بىر يەردە بولمىساممۇ، قەلبىم دائىم سىلەر بىلەن بىللە. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇرسەن بولماقتىمەن.


ئېۋودىيا ۋە سىنتىخە خانىم، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن چىقىشىپ ئۆتۈڭلار.


ھازىر مېنىڭ يېنىمدا تىموتىيدىن باشقا ماڭا ئوخشاش سىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق.


بىز پەقەت ئۇنىڭ كېلىشى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىلەردىن ئالغان تەسەللىسى بىلەنمۇ تەسەللى تاپتۇق. ئۇ سىلەرنىڭ ماڭا بولغان سېغىنىشىڭلارنى، ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىڭلارغا قىلغان پۇشايمىنىڭلارنى ۋە ماڭا بولغان قىزغىنلىقىڭلارنى بىزگە ئېيتقاندا، خۇشاللىقىم تېخىمۇ ئاشتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشنىڭ ئورنىغا خەت يازدىم. مەقسىتىم، يېنىڭلارغا بارغان ۋاقتىمدا مېنى خۇشال قىلىشقا تېگىشلىك بولغان سىلەرنىڭ ئەكسىچە مېنى قايغۇغا سالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. مەن ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلاردۇر.


ئەلچىلەر خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. بارلىق ئېتىقادچىلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»~دا دائىم جەم بولاتتى.


ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر نىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.


ھەر قېتىم سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمدا، قەلبىم خۇرسەنلىككە تولۇپ تاشىدۇ.


قىز چوقۇم ئۆزى بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە مەنسۇپ بولىدۇ. قولداش بولسا يىگىتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەنمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىدىن خۇشاللىنىپ، قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم.


ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا ئاققۇزغان كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. سەن بىلەن كۆرۈشۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن كېيىنكى ئەللىكىنچى كۈنى كەلگەن ئورما ھېيتىدا، ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.


شۇڭا، ئەي قېرىندىشىم، رەببىمىز ئۈچۈن ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلغىن. ئىككىلىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، روھىمنى كۆتۈر.


قېرىنداش ۋە دوستلىرىم سەندە تۇرغاچقا، تىلەيمەن: «تىنچلىق بولسۇن يېرۇسالېمدا».


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite