Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلار خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەن ئىسسىق قېنىمنى سىلەرنىڭ بۇ قۇربانلىقىڭلار ئۈستىگە چاچسام، يەنى سىلەر ئۈچۈن ئۆلسەم، خۇرسەن بولىمەن ھەمدە سىلەر بىلەن بىللە شادلىققا چۆمىمەن.

Gade chapit la Kopi




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 2:17
21 Referans Kwoze  

ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، ھاياتىم خۇداغا قۇربانلىق ئورنىدا تەقدىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغىنىمغا ئاز قالدى.


خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.


سىلەر ئۈچۈن، مەن بارلىقىمنى سەرپ قىلىشقا، ھەتتا جېنىمنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازىمەن. ئەجەبا، مەن سىلەرنى قانچە كۆپ سۆيسەم، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارغا شۇنچە ئاز ئېرىشەمدىمەن؟


مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.


ئەيسا مەسىھكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، خىجالەتچىلىكتە قالماسلىقىمنى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى مەن قانداق ياشاي ياكى قانداق ئۆلەي، ئەيسا مەسىھنى باتۇرلۇق بىلەن ئۇلۇغلايمەن.


سىلەرگە ئىشەنچىم كامىل ھەم سىلەردىن پەخىرلىنىمەن. ئېغىر مۈشكۈلچىلىكلەردە قالغاندا، سىلەر ئارقىلىق تەسەللى تېپىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدىم.


بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك.


شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.


شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر.


شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق مۇھەببەت باغلىغانىدۇقكى، بىز خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنىلا ئەمەس، ئۆز جېنىمىزنىمۇ تەقدىم قىلىشقا رازى ئىدۇق. چۈنكى، سىلەرنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتۇق!


مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.


چۈنكى، ئۇ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، سىلەر ماڭا قىلالمىغان ياردەمنى قىلىمەن دەپ، ئۆلۈشكە تاس قالغانىدى.


لېكىن، پاۋلۇس: - سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، - دەپ جاۋاب بەردى.


لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.


بۇلار سىناي تېغىدا بەلگىلەنگەن كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرۈلگەن ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر.


ھەربىر قۇربانلىق قىلىنغان پاقلانغا قوشۇپ بىر لىتىر شاراب ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىنسۇن، بۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى ماڭا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلسۇن.


قايغۇ-ئەلەمدە بولساقمۇ، ھەمىشە شاد-خۇراممىز. نامرات بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي جەھەتتە باي قىلىۋاتىمىز. ھېچ نەرسىمىز يوق بولسىمۇ، ھەممىگە ئىگىمىز.


شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ خۇرسەن بولۇڭلار ھەمدە مەن بىلەن بىللە شادلىققا چۆمۈڭلار.


دېمەك، بىز ھەمىشە ئۆلۈمگە دۇچار بولۇۋاتىمىز؛ سىلەر بولساڭلار بۇنىڭ بىلەن ھاياتلىققا ئېرىشىۋاتىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite