11 ئۇنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خۇدائاتىمىز ئۇلۇغلىنىدۇ.
ئەگەر كىمدەكىم ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ.
بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پۈتكۈل ئىنسان ئالدىمدا تىزلىنىپ سەجدە قىلىدۇ، پۈتكۈل ئىنسان مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»
سىلەر مېنى «رەببىم» ۋە «ئۇستازىم» دەيسىلەر. راست ئېيتىسىلەر، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق.
بىر كىشىدە خۇدانىڭ روھىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى مۇنداق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ: ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى بار بولىدۇ.
ئەيسا مەسىھ ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ، ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈپ تىرىلدى.
شۇڭا، يەنە ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۆزلىگەن ھەرقانداق كىشى: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىسىزمۇ ھېچكىم: «ئەيسا مەسىھ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېيەلمەيدۇ.
مېنىڭ نامىم بىلەن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۆز ئاتامنىڭ ئۇلۇغلۇقى مەن ئارقىلىق ئايان بولسۇن ئۈچۈن، تىلەكلىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن.
سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان.
بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدائاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇق.
غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق تون كىيىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن. ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن.
كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى ئېتىراپ قىلغانلارنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن.
سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، شۇنى قەتئىي بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدا سىلەر كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ھەم رەببىمىز، ھەم بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ قىلىپ تەيىنلىدى! - دېدى.
ئۇلار يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېيىشتى، چۈنكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، دەپ ئېتىراپ قىلغانلارنى ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانىدى.
بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنىدەك، ئوغلىنىمۇ ھۆرمەتلىشى ئۈچۈندۇر. ئوغلىنى ھۆرمەتلىمىگەنلەر ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىسىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ.
پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە: «ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا، مەن دەسسەتكۈچە دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا.»
نۇرغۇن ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر.
دەسلەپكى ئىنسان يەردىن، يەنى توپىدىن يارىتىلدى. كېيىنكى ئىنسان، يەنى ئەيسا مەسىھ ئەرشتىن كەلدى.
ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرۈپ، خۇدانى مەدھىيىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «شۇڭا، سېنى باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا مەدھىيىلەيمەن ۋە نامىڭنى كۈيلەيمەن» دېگىنىدەك بولدى.
- سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! - دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئاتا، مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم يېتىپ كەلدى. سەن ئوغلۇڭنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ ئۇلۇغلۇقۇڭنى ئايان قىلسۇن.
ۋەھالەنكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىسىيلەر تەرىپىدىن ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن، ئېتىقاد قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.
بۈگۈن پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدا رەببىڭلار بولغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ دۇنياغا كەلدى!
ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا، مەدھىيە كۈيى ئوقۇيمەن نامىڭغا.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز.
مەن رەببىڭلار ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق پۇتلىرىڭلارنى يۇغاندىكىن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك.