Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 ئەيسا مەسىھكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، خىجالەتچىلىكتە قالماسلىقىمنى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى مەن قانداق ياشاي ياكى قانداق ئۆلەي، ئەيسا مەسىھنى باتۇرلۇق بىلەن ئۇلۇغلايمەن.

Gade chapit la Kopi




فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:20
41 Referans Kwoze  

لېكىن، ئاراڭلاردىن بىرى ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكۈچى دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن. ئەكسىچە، شۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇدانى مەدھىيىلىسۇن.


چۈنكى، ئۇ سىلەرنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن ئۆزىگە مەنسۇپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېنىڭلارنى خۇدانى ئۇلۇغلاشقا ئاتاڭلار.


قورقمىغىن، چۈنكى سەن ئەمدى ئۇياتقا قالمايسەن، خىجىل بولما، چۈنكى سەن ئەمدى شەرمەندە بولمايسەن. سەن ياش ۋاقتىڭدىكى نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن، تۇل ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى قايتا ئەسلىمەيسەن.


بىزگە ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا ئۆزى سىلەرنى تەلتۆكۈس پاك قىلغاي. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە خۇدا روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي.


دېمەك، ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ قايتىپ كەلگەندە يۈرىكىمىز توق تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالمايمىز.


سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلار خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەن ئىسسىق قېنىمنى سىلەرنىڭ بۇ قۇربانلىقىڭلار ئۈستىگە چاچسام، يەنى سىلەر ئۈچۈن ئۆلسەم، خۇرسەن بولىمەن ھەمدە سىلەر بىلەن بىللە شادلىققا چۆمىمەن.


يارىتىلغان پۈتكۈل مەۋجۇدات خۇدانىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئايان قىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە.


رەببىمىز تەرىپىدىن ماڭا بېرىلگەن ئەلچىلىك ھوقۇقى سىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتە يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بېرىلگەن. شۇڭا، بۇ ھوقۇق بىلەن زىيادە ماختانساممۇ، ھەرگىز خ جالەت بولمايمەن.


ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، ھەتتا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، لېكىن ئەيسا مەسىھ دائىم بىزگە كۈچ-قۇدرەت بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر ۋۇجۇدىمىزدىن ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايدۇ.


شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئەرسىز ئايال ياكى نىكاھلىق بولمىغان قىز بولسا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش مەقسىتىدە رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. لېكىن، نىكاھلانغان ئايال بولسا ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ.


ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، مەن شۇ خورلۇقلاردىن نومۇس قىلمىدىم، شۇڭا مېنىڭ ئىرادەم خۇددى ئۇيۇل تاشتەكتۇر، شەرمەندىچىلىككە قېلىشىمدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىزدۇر.


ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغىنىڭدەك يار-يۆلەك بول ھاياتىمغا، شەرمەندە قىلىپ، قويما مېنى ئۈمىدسىز ھالغا.


بۇ ئۈمىد بىزنى ھەرگىز ئۇياتتا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرگەن.


لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى قۇتقۇزىدۇ، ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مەڭگۈلۈك نىجاتلىق بېرىدۇ. سىلەر ھېچقاچان شەرمەندە بولمايسىلەر، مەڭگۈ نومۇستا قالمايسىلەر.


مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.


شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.


زىندانغا تاشلانغانلىقىم سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچى كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى تېخىمۇ مەردانە ۋە يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزىدىغان بولدى.


سىلەرنى ئۇنىڭغا ماختاپ بەرگەنىدىم، سىلەرمۇ مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىدىڭلار. خۇددى سىلەرگە ئۆگەتكەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست بولغىنىدەك، سىلەرنى تىتۇسقا ماختاپ ئېيتقانلىرىمنىڭمۇ راست ئىكەنلىكى ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ چىقتى.


ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆلدى. مەقسەت، ئۇ ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلگەن ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ياشىسۇن، دېگەنلىكتىن ئىبارەت.


مېنىڭ ھەر كۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتقىنىم راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا شۇنداق كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر.


بۇ خۇددى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتقاندەك: «خەلق پۇتلىشىدىغان، خەلقنى يىقىتىدىغان، بىر تاش سىئونغا قويدۇم. بىراق، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»


مەن سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلاردىكى ئاجىزلىقلارنى بىلگەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئادەتتىكى مىسال بىلەن ئېيتىۋاتىمەن. ئىلگىرى سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولۇپ، تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ناپاك ۋە تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارغا بېغىشلىغانىدىڭلار. ئەمدى پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولۇشقا بېغىشلاڭلار.


تېنىڭلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىنى يامان ئىشلارغا قورال قىلىپ، گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار. چۈنكى، سىلەر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. تېنىڭلارنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى ھەققانىي ئىشلارنىڭ قورالى قىلىڭلار.


لېكىن، پاۋلۇس: - سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، - دەپ جاۋاب بەردى.


لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە: - ماڭا ئەگىشىۋەر، - دېدى.


بەرھەق، باردۇر سېنىڭ ئىستىقبالىڭ. يوققا چىقماس ئارزۇ-ئۈمىدىڭ.


شادلىق ئېلىپ كېلەر ھەققانىيلارنىڭ ئۈمىدى، يوققا چىقار يامانلارنىڭ كۈتكىنى.


سەمىمىي ئىجرا قىلاي پەرمانلىرىڭنى، شەرمەندىلىكتە قويماس ئۇلار مېنى.


پەقەت خۇدادىنلا ئارام تاپ ئەي جېنىم، چۈنكى ئۇنىڭدىدۇر مېنىڭ بارلىق ئۈمىدىم.


ئى ئىلاھىم، تايىنىپ كەلدىم ئىشىنىمەن ساڭا، يەرگە قارىتىپ شەرمەندە قىلما مېنى، غەلىبە قىلغۇزۇپ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى.


ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.


بىزدە شۇنداق بىر ئۈمىد بولغاچقا، يۈرەكلىك ھالدا خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىمىز.


سىلەرگە ئىشەنچىم كامىل ھەم سىلەردىن پەخىرلىنىمەن. ئېغىر مۈشكۈلچىلىكلەردە قالغاندا، سىلەر ئارقىلىق تەسەللى تېپىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite