Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 لېكىن، يەنىلا سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە كۆرە ئىلتىماس قىلىشنى تاللىۋالدىم. بۇ ئىلتىماسنى مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغان ھەم ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا ھازىر مەھبۇس بولۇۋاتقان مەنكى پاۋلۇستىن دەپ بىلگىن.

Gade chapit la Kopi




فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت 1:9
17 Referans Kwoze  

شۇ سەۋەبلەردىن، رەببىمىزگە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەن سىلەردىن خۇدانىڭ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.


شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سىلەرنى شۇنىڭغا ئۈندەيمىزكى، خۇدا بىلەن يارىشىڭلار. بەجايىكى، بۇ خۇدانىڭ بىز ئارقىلىق سىلەرنى مۇراجىئەت قىلغىنىدۇر.


شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.


شۇڭلاشقا، مەنكى پاۋلۇس ھەر دائىم سىلەرگە دۇئا قىلماقتىمەن. مەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولدۇم.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا پەقەت مۇساپىر ۋە مېھمانسىلەر. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، ئۆزۈڭلارنى سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان يامان ھەۋەسلەردىن تۇتۇۋېلىڭلار.


يېنىڭلارغا پات ئارىدا قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن.


بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.


تاكى سىلەر قېرىپ، چېچىڭلارغا ئاق كىرىپ كەتسىمۇ، مەن بۇ ئىشىمنى توختاتقىنىم يوق، مەن يەنىلا شۇ خۇدادۇرمەن، ئۆزگەرگىنىم يوق. مەن سىلەرنى ياراتقانىكەنمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى كۆتۈرىمەن، سىلەرنى قۇتقۇزىمەن.


ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ ھۆرمەت تاجىدۇر.


قېرىپ ئاقارغاندا قارا چاچلىرىم، تاشلاپ كەتمە مېنى ئىلاھىم. بايان قىلاي ئەۋلادلارغا قۇدرىتىڭنى، سۆزلەپ بېرەي مەندىن كېيىن كەلگەنلەرگە، سېنىڭ كۆرسەتكەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭنى.


تاشلاپ كەتمىگىن مېنى قېرىپ ھالىم قالمىغاندا، تەرك ئەتمىگىن مېنى قۇۋۋىتىمدىن ئايرىلغاندا.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەممىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار.


مەن بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىش سەۋەبىدىن كىشەنلەنگەن ئەلچىمەن. مېنىڭ خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن دۇئا قىلغايسىلەر. چۈنكى، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمدۇر.


ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىدى.


ياشانغان ئەرلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئېسىل پەزىلەتلىك، سالماقلىق، ئېتىقادتا ساپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سەۋر-تاقىتى تولۇپ تاشقان بولۇشقا چاقىرغىن.


ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياكى قېرىنداشلىرى كېلىپ بىزگە دەۋا قىلسا، بىز ئۇلارغا: «بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىلىپ، بىنيامىنلارغا ئىلتىپات قىلىڭلار. چۈنكى بىز يابېشتىكى جەڭدە ئۇلارغا يەتكۈدەك قىز تاپالمىدۇق. سىلەر قىزىڭلارنى ئۇلارغا ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن بەرمىدىڭلار، شۇڭا سىلەر گۇناھسىز» دەيمىز، _ دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite