8 شۇڭا، مەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشۇم بىلەن ئەسلىدە سېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى بېجىرىشىڭنى يۈرەكلىك ھالدا بۇيرۇيالىساممۇ،
مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، بىز ھېچكىمدىن بىرەر ماختاش تەمە قىلمىدۇق.
رەببىمىز تەرىپىدىن ماڭا بېرىلگەن ئەلچىلىك ھوقۇقى سىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتە يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بېرىلگەن. شۇڭا، بۇ ھوقۇق بىلەن زىيادە ماختانساممۇ، ھەرگىز خ جالەت بولمايمەن.
بىزدە شۇنداق بىر ئۈمىد بولغاچقا، يۈرەكلىك ھالدا خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىمىز.
سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.
شۇنداقلا، شەھۋانىي ۋە ئەخمىقانە سۆزلەش، چاكىنا چاقچاق قىلىش سىلەرگە ياتتۇر. ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.
بىزنىڭ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىمىزنى خىجىللىق ئىچىدە ئېتىراپ قىلىمەن. لېكىن، ئۇلاردىن بىرلىرى بىرەر ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلغان يەردە (يەنە ئەخمەقلەرچە ئېيتاي)، مەنمۇ شۇ ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالايمەن.