7 قېرىندىشىم، سېنىڭ ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇشاللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى. چۈنكى، سەن ئېتىقادچىلارنىڭ روھىنى كۆتۈردۈڭ.
بىز سىلەرنىڭ شۇ قىزغىنلىقىڭلاردىن تەسەللى تاپتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىتۇسنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىمىز تېخىمۇ ئاشتى. چۈنكى، سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ئۇنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.
سىلەر ئۈچۈن خۇشاللىققا چۆمدۇق. بۇنداق ئەھۋالدا بىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن قانداقمۇ تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالايمىز!
سىلەرگە ئىشەنچىم كامىل ھەم سىلەردىن پەخىرلىنىمەن. ئېغىر مۈشكۈلچىلىكلەردە قالغاندا، سىلەر ئارقىلىق تەسەللى تېپىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدىم.
شۇڭا، ئەي قېرىندىشىم، رەببىمىز ئۈچۈن ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلغىن. ئىككىلىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، روھىمنى كۆتۈر.
سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلاردا ئاخىرغىچە چوقۇم چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز ۋە سىلەر ئۈچۈن بەك خۇشال بولىمىز. رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىدا پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز دەل سىلەر ئەمەسمۇ؟
پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.
رەببىمىز ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت قىلغاي. چۈنكى، ئۇ كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ، كۆڭلۈمنى كۆتۈردى. ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلمىدى.
خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە.
خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن كەلگەن ياخشى ئىشلىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز.
ئۇلار سىلەرنى روھلاندۇرغاندەك، مېنىڭ قەلبىمنىمۇ روھلاندۇردى. بۇنداق كىشىلەرنى قەدىرلەڭلار.