4 قەدىرلىك فىلىمۇن، دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن.
ئالدى بىلەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە سۆزلەنمەكتە.
مەن خۇددى ئەجدادلىرىمغا ئوخشاش، خۇداغا پاك ۋىجدانىم بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىمەن. مەن سەن ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، دۇئالىرىمدا سېنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن.
قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەر دائىم شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.
بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەر ئۈچۈن دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمىز.
بىز سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا، ھەمىشە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمىز.
مەن سىلەرنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن.
چۈنكى، مەن سېنىڭ رەببىمىز ئەيساغا بولغان ئېتىقادىڭ ۋە بارلىق ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ توغرىسىدا ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن.