Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت 1:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 يەنە بىر ئىش، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى، دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق زىنداندىن ئازاد بولۇپ، يېنىڭلارغا قايتىپ بارىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

Gade chapit la Kopi




فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت 1:22
13 Referans Kwoze  

رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچىم كامىلكى، پات ئارىدا ئۆزۈممۇ يېنىڭلارغا بارىمەن.


سىلەرمۇ بىزگە دۇئا قىلىۋاتقانلىقىڭلار سەۋەبىدىن بىز ئۈچۈن قىلىنغان تېخىمۇ كۆپ دۇئالار خۇداغا يېتىپ، خۇدا بىزنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كۆپلىگەن كىشىلەر خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىدۇ.


سىلەرگە دەيدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن، قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، خۇشاللىقىمىزنىڭ تولۇپ تېشىشى ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىپ دىدار كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشنى ئەۋزەل بىلدىم.


شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.


چۈنكى، خۇدانىڭ مېنى مەن بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئاقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ، سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ روھى، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بولىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ كۈنى، پاۋلۇسنىڭ تۇرغان يېرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشى كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيلار كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى.


سەن بىلەن پات ئارىدا دىدار كۆرۈشۈشنى ئەۋزەل بىلدىم. شۇ چاغدا سۆزلىشەرمىز.


قېرىندىشىمىز تىموتىينىڭ زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغايسىلەر. يېقىندا يېنىمغا كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىلەرنى يوقلاپ بارىمەن.


يېنىڭلارغا پات ئارىدا قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن.


پەرىشتە ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن خۇداغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا بېرىشىڭ كېرەك. مېھرىبان خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلىپ، سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىدۇ!» دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite