21 سۆزۈمنى ئاڭلايدىغانلىقىڭغا ۋە سورىغانلىرىمدىن ئارتۇق ئورۇنلايدىغانلىقىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىپ، بۇ خەتنى يازدىم.
خۇدا سىلەرنىڭ بۇيرۇغانلىرىمىزنى قىلىۋاتقانلىقىڭلار ۋە داۋاملىق قىلىدىغانلىقىڭلار ھەققىدە بىزگە ئىشەنچ بەردى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشنىڭ ئورنىغا خەت يازدىم. مەقسىتىم، يېنىڭلارغا بارغان ۋاقتىمدا مېنى خۇشال قىلىشقا تېگىشلىك بولغان سىلەرنىڭ ئەكسىچە مېنى قايغۇغا سالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. مەن ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلاردۇر.
سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ئىشەنچ قىلالىغانلىقىم ئۈچۈن خۇشالمەن.
سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ماڭا ئوخشاش ئويلايدىغان بولىسىلەر، دەپ خۇداغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ئىشىنىمەن. سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم خۇدانىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
بىز كۆپ قېتىم ۋە كۆپ ئىشلاردا سىناش ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە قىزغىن دەپ قارىغان يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئەۋەتمەكچىمىز. ئۇ سىلەرنىڭ بۇ ئىئانە ئىشىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشەندى. بۇ ئىشەنچ ئۇنىڭ سىلەرگە ياردەم بېرىشتىكى قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.
تەۋرات قانۇنىدىكى ھەممە بىلىم ۋە ھەقىقەتلەرنى بىلىمەن دەپ قاراپ، ئۆزۈڭنى كورلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى، قاراڭغۇدا قالغانلارنىڭ چىرىغى، نادانلارنىڭ يېتەكچىسى، گۆدەكلەرنىڭ ئۇستازى، دەپ ئۆزۈڭگە ئىشىنىسەن.