Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت 1:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 مەنكى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن: ھېساباتنى ئۆزۈم قايتۇرىمەن. لېكىن، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېرىشكەن مەڭگۈلۈك ھاياتىڭ ئۈچۈن ماڭا قەرزدار ئىكەنلىكىڭنى تىلغا ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.

Gade chapit la Kopi




فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت 1:19
14 Referans Kwoze  

قاراڭلار! تۆۋەندىكى بۇ قۇرلارنى ئۆز قولۇمدا ئالاھىدە چوڭ خەتلەر بىلەن يېزىۋاتىمەن.


مەنكى پاۋلۇس شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر ھەققانىيلىقنى ئىزدەپ تۇرۇپ، يەنىلا خەتنىگە تايانساڭلار، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ.


ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىڭلاردا سىلەرگە تەلىم بەرگۈچىلەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئاتاڭلار پەقەت مەن بىرلا. چۈنكى، سىلەر مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغاندا، مەن سىلەرنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئاتاڭلار بولدۇم.


خۇدائاتىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان ئورتاق ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىمىزدۇرسىلەر. چۈنكى، ئەمەلىيىتىڭلاردىن ھەممە كىشى بىزنى ھەم بىزنىڭ ئاراڭلاردا قىلغان ياخشى خىزمىتىمىزنى تونۇۋالالايدۇ. دېمەك، بۇ خەت قەغەزگە ئەمەس، بەلكى قەلبگە يېزىلغاندۇر.


كىچىك ئىنىمغا مەن كېپىل بولاي، پۈتۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالاي. مەن ئۇنى ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قولىڭىزغا تاپشۇرمىسام، ئۆمۈرۋايەت گۇناھكار بولۇپ ئۆتەي!


(مەنكى ئۇشبۇ خەتنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە يېزىپ بېرىۋاتقان تېرتىيمۇ رەببىمىز يولىدا سىلەرگە سالام يوللايمەن.)


ناۋادا ماكېدونىيىدىكى بەزى قېرىنداشلار مەن بىلەن بىللە بېرىپ، سىلەرنىڭ تەييارلىق قىلمىغانلىقىڭلارنى كۆرسە، سىلەر بىر ياقتا قېلىپ، سىلەرگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىم ۋەجىدىن مەن خىجالەت بولۇپ قېلىشىم تۇرغان گەپ.


سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن بىللە بولمىغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قول دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس ئەيسا مەسىھتەك مۇلايىملىق ۋە رەھىمدىللىك بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ تەلەپ قىلىمەنكى،


ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى پۇللىرىڭنى ئوغرىلىغان بولسا، ئۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا ياز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite