18 ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى پۇللىرىڭنى ئوغرىلىغان بولسا، ئۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا ياز.
كىچىك ئىنىمغا مەن كېپىل بولاي، پۈتۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالاي. مەن ئۇنى ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قولىڭىزغا تاپشۇرمىسام، ئۆمۈرۋايەت گۇناھكار بولۇپ ئۆتەي!
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سەن مېنى رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە سەپداش دەپ قارىساڭ، ئۇنى مېنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىل.
مەنكى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن: ھېساباتنى ئۆزۈم قايتۇرىمەن. لېكىن، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېرىشكەن مەڭگۈلۈك ھاياتىڭ ئۈچۈن ماڭا قەرزدار ئىكەنلىكىڭنى تىلغا ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.