10 سەندىن قۇلۇڭ ئونېسىمۇس ھەققىدە ئىلتىماس قىلىمەن. ئۇ زىنداندىكى ۋاقتىمدا مەن ئارقىلىق ئېتىقادچى بولغانلىقتىن، ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان.
سادىق، سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ھەم يۇرتدىشىڭلار بولغان ئونېسىمۇسنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋەتىمەن. ئۇلار بۇ يەردە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ.
ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىڭلاردا سىلەرگە تەلىم بەرگۈچىلەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئاتاڭلار پەقەت مەن بىرلا. چۈنكى، سىلەر مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغاندا، مەن سىلەرنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئاتاڭلار بولدۇم.
ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
بالىلىرىم! ئېتىقادىڭلار ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتى سىلەردە گەۋدىلەنگۈچە، مەن سىلەر ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم خۇددى تولغاق ئازابىنى تارتىۋاتقان ئانىدەك ئازابلىنىۋاتىمەن.
خۇدائاتىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان ئورتاق ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
ئۇ يوئاب، ئابىشاي ۋە ئىتتايغا: _ مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ياش يىگىت ئابسالومغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى. پادىشاھنىڭ ئابسالوم توغرۇلۇق سەركەردىلەرگە بۇيرۇغان گېپىنى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىدى.
كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: - ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىۋېلىپ، گەپ قىلالماس قىلىپ قويدى.
شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.
بۇ سۆزلەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىم، سىلەرنى خىجىل قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنى سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىم دەپ قاراپ، سىلەرگە تەلىم بېرىشتۇر.
ئۇ بۇرۇن ساڭا پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ساڭىمۇ، ماڭىمۇ پايدىلىقتۇر.
خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولۇپ زىنداندا يېتىۋاتقان مۇشۇ ۋاقتىمدا، ئۇنى سېنىڭ ئورنۇڭدا خىزمىتىمدە بولۇش ئۈچۈن يېنىمدا ئېلىپ قالغۇم بار ئىدى.
مەن ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر.