8 بۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىدومنىڭ دانىشمەنلىرىنى ھەمدە ئەساۋنىڭ تاغلىرىدىن كەلگەن مەسلىھەتچىلەرنى يوقىتىمەن!
شۇ سەۋەبتىن، مەن بۇ خەلققە، ئۇلارنى چۆچۈتىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىشلارنى قايتا-قايتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئاقىللىرى ئەقىلسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ پاراسەتلىك كىشىلىرى، پاراسەتسىز بولۇپ قالىدۇ!»
بىكار قىلار پەرۋەردىگار خۇداسىزلارنىڭ قارارلىرىنى، يوق قىلار ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى.
مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن. ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن، باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.
زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەقىقەتەن ئەخمەق، پىرئەۋننىڭ دانىشمەنلىرى ئەخمىقانە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ: «مەن بىر دانىشمەننىڭ ئوغلى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ ئەۋلادى.» ئۇلار نەقەدەر قاپ يۈرەكلىك بىلەن پىرئەۋنگە شۇنداق دېگەن-ھە!
ئەي پىرئەۋن! ئەمدى سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ قېنى؟ ئۇلار ساڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇنچۇ.