Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئوبادىيا 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇ مەن ئوبادىياغا كەلگەن ۋەھىي بولۇپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم خەلقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدۇر. بىز پەرۋەردىگاردىن بىر خەۋەر ئالدۇق، ئەللەرگە بىر ئەلچى ئەۋەتىلىپتۇ. ئەلچى: «ئىدومغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار!» دەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئوبادىيا 1:1
28 Referans Kwoze  

لېكىن مىسىر قاقاسلىققا، ئىدوم چۆلگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيە خەلقىگە زوراۋانلىق قىلىپ، يەھۇدىيە زېمىنىدا گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكتى.


گەرچە يەھۇدىيەنىڭ ئەمىرلىرى ۋە ئەلچىلىرى مىسىرنىڭ زوئان شەھىرى ۋە خانېس شەھىرىگە بارغان بولسىمۇ،


بۇ، دۇماھ توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. سەئىردىن بىر ئادەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ: «قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟ قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟»


ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»


سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.


سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.


مەن پەرۋەردىگار يول ئېچىپ، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن. سىلەر شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، يېڭىباشتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولغان مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول باشلايمەن، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن.»


خەلق ئىچىدە تارقالغان ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، قورقماڭلار. ھەر يىلى ئوخشىمىغان خەۋەرلەر چىقىپ تۇرىدۇ، زېمىندا زوراۋانلىق پەيدا بولىدۇ، ھۆكۈمرانلار بىر-بىرگە قارشى جەڭ قىلىدۇ.


ئىدوم، موئاب، ئامموننىڭ بارلىق خەلقلىرى،


شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ قەدەھنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇ مېنى ئەۋەتكەن ئەللەردىكى بارلىق خەلقلەرگە ئىچكۈزدۈم.


قاراۋۇل جاۋاب بېرىدۇ: «تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ئارقىدىن كېچە بولىدۇ. ئەگەر يەنە سورىماقچى بولساڭ، قايتىپ كېلىپ، ئاندىن سورا.»


ياقۇپقا: _ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. قاينىتىۋاتقان ئاۋۇ قىزىل ماش شورپاڭدىن ئىچكىلى قويساڭچۇ! _ دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «قىزىل» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالدى.


شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى.


تۆۋەندىكىلەر سەئىر تاغلىق رايونىدىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite