Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 9:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 مۇسا ئۇلارغا: _ مۇشۇ يەردە بىر ئاز كۈتۈپ تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە نېمە يوليورۇقى باركىن، ئاڭلاپ باقاي، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 9:8
19 Referans Kwoze  

قۇلاق سالاي خۇدانىڭ سۆزلىرىگە، خاتىرجەملىك، ئامانلىق بېرىدۇ ئىگەم ئۆز خەلقى ۋە تەقۋادارلىرىغا، ماڭمىسۇن دەپ خاتا يولدا ئۇلار يەنە.


مۇسا ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى پەرۋەردىگارغا مەلۇم قىلدى.


رەببىمىزنىڭ داستىخىنى توغرۇلۇق مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرنى رەببىمىزدىن ئالغانمەن. رەببىمىز ئەيسا ساتقۇن تەرىپىدىن تۇتۇپ بېرىلگەن كېچە، قولىغا بىر نان ئېلىپ،


مەن ئۆز خىزمىتىمدە خاتالىق يوق دەپ قارىساممۇ، لېكىن بۇ پىكرىم ئۆزۈمنى ئاقلىيالمايدۇ. خىزمىتىمنى باھالىغۇچى پەقەت رەببىمدۇر.


چۈنكى، مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە تولۇق يەتكۈزدۈم.


چۈنكى، سەن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم، ئۇلارمۇ قوبۇل قىلدى. سەندىن كەلگەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يەتتى ھەمدە مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى.


خۇداغا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىشنى خالايدىغان كىشى بۇ تەلىملەرنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.


_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزەتچىسى قىلدىم، مەندىن ئاڭلىغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇر.


مەيلى ئۇلار ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.


خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار، ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار.


لېكىن سىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىڭلارنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. سىلەر پەقەت ئورنۇڭلارنى مەھكەم ساقلاپ، كۈتۈپ تۇرۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى كۆرۈڭلار. ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر قورقماڭلار، بوشىشىپ كەتمەڭلار، ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ياردۇرمەن.»


بىراق مۇسا ئۇلارغا: _ قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر.


مۇسا ئۇنىڭغا: _ خەلق مەندىن خۇدانىڭ ئەمرىنى سورايدۇ.


_ بىز جەسەت تۇتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ناپاك بولۇپ قالدۇق. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بەلگىلەنگەن كۈندە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمامدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


بىراق ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش تېخى ئېنىق بولمىغاچقا، ئۇنى نەزەربەندكە ئالدى.


ئۇلار ئۇنى تاكى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگۈچە قاماپ قويدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite