5 1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، ئۇلار سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىنى خەلق بىر-بىرلەپ بەجا كەلتۈردى.
شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان زېمىنغا چاقىرىلغاندا، ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى.
مۇسا پەيغەمبەر بىر خىزمەتكار بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ خىزمىتى بولسا خۇدانىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاشكارىلىماقچى بولغان ھەقىقەتلىرىگە زېمىن ھازىرلاشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئى ئاگرىپا خان، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خۇدادىن كەلگەن غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن ھەزرىتى ئەيساغا قاتتىق ئىتائەت قىلدىم.
سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە ئۆگەتتىم. ئۇلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىڭلار.
ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 40-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن بارلىق ئەمرلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.
مۇسا پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.
مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن خەلق پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلىپ، لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى.
ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى.
نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.
نۇھ خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى.
بارلىق ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا بۇيرۇغان قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلدى.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.