Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 9:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن كۈنى بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى قاپلاپ تۇردى. كەچتىن ئەتىگەنگىچە چېدىر ئۈستىدىكى بۇ بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 9:15
21 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارغا يول باشلىسا، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز ماڭالايدىغان بولدى.


شۇ چاغدا بىر پارچە بۇلۇت ئۇچرىشىش چېدىرىنى قاپلىدى. چېدىر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولدى.


كۈندۈزى يېتەكلىسە ئۇلارنى بۇلۇت بىلەن، كېچىسى يول باشلىغانىدى ئوتنىڭ نۇرى بىلەن.


شۇنداقتىمۇ سەن رەھىمدىللىكىڭ بىلەن ئۇلارنى چۆلدە تاشلىۋەتمىدىڭ. كۈندۈزى يول باشلىغان بۇلۇت تۈۋرۈكىنى ۋە كېچىسى يول كۆرسەتكەن ئوت تۈۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدىڭ.


قېرىنداشلار، مۇسا پەيغەمبەر زامانىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردىن چىققاندا چۆل-باياۋاندا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ چاغدا خۇدا ئاتا قىلغان يول باشلىغۇچى بۇلۇتنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا بولۇپ، خۇدانىڭ مۆجىزىسى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزدىن ساق-سالامەت مېڭىپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈشى خۇددى ئېتىقادچىلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىنىدەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسا پەيغەمبەرگە ئەگەشكۈچىلەردىن بولدى.


ئارقىدىن پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا خەلق يىغىلغان يەردە كۈندۈزى بۇلۇتنى، كېچىسى يالقۇنجاپ تۇرغان بىر يورۇقلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل زېمىنغا سايىۋەن بولىدۇ.


پەرۋەردىگار بۇلۇتنى سايىۋەن قىلدى، تۈندە ئۇلارغا ئوتنى نۇر قىلىپ بەردى.


كۈندۈزى ئۇلارغا بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يول باشلىدىڭ، كېچىسى يولىنى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يورۇتتۇڭ.


ئۇلار كەنئان زېمىنىدىكى ئاھالىلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىلەر سەن توغرۇلۇق ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بۇ خەلق بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خەلقىڭ ئارىسىدا يۈزتۇرانە زاھىر بولغانلىقىڭنى، بۇلۇتۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىغان.


ئۇلار پۈتۈن سەپىرى جەريانىدا، كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتىنى چېدىرنىڭ ئۈستىدە كۆرسە، كېچىسى بۇلۇت ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوتنى كۆردى.


_ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكىپ،


تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئوت ۋە بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن مىسىر قوشۇنىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى.


پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىنى، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدى.


ئۇلار بىر قارارگاھتىن يەنە بىر قارارگاھقا كۆچكىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمىدى.


مۇسا تاياقلارنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى.


مۇسا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرەلمىدى. چۈنكى بۇلۇت چېدىرنى قاپلىغان بولۇپ، چېدىرنىڭ ئىچى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite