Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 9:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئەگەر ئاراڭلاردىكى يات خەلقلەردىن بىركىم ھېيتنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ ھېيتنى پۈتۈن بەلگىلىمىلىرى ۋە قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. مەيلى ئىسرائىللار ياكى يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسىگە ئوخشاش بەلگىلىمىلەر قوللىنىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 9:14
14 Referans Kwoze  

مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، ياكى ئىسرائىللار بولسۇن، بۇ قانۇن ھەممىسىگە ئوخشاشتۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


ئەر-ئاياللار، بالىلار ۋە يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا بۇ قانۇننى ئاڭلىتىڭلار. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى، بۇ قانۇندىكى بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلىشنى ئۆگەنسۇن.


بالىلار، ئاياللار ۋە ئوتۇنۇڭلارنى يېرىپ، سۈيۈڭلارنى توشۇپ، سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەرمۇ بار.


يەرنىڭ باھاسى سودا بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىل سانى بويىچە بەلگىلەنسۇن.


بۇنداق بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى يات خەلقلەردىن سېتىۋېلىپ، ماڭا ئاتالغان يېمەكلىك سۈپىتىدە سۇنماڭلار. چۈنكى ئۇ مېيىپ ۋە بېجىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قوبۇل بولمايدۇ.»


ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈملەرنى پاك-پاكىز يىغىۋالماڭلار ھەم يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئۈزۈملەرنى يىغماڭلار. ئۇلارنى ئاراڭلاردىكى كەمبەغەللەرگە ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارغا قالدۇرۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى: _ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق گۆشىنى يات خەلقلەر يېمىسۇن.


پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلسۇن.


ئىسرائىللار ۋە ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمە ئوخشاشتۇر. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار. يات خەلقلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر.


ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەرگىمۇ بۇ قانۇن ۋە قائىدە ئوخشاشتۇر.»


سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە ناپاك يولىنى تاشلاپ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئىبادەت قىلغان شۇ يەردىكى يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ قۇربانلىق بىلەن غىزالاندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite