Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 9:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 _ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە جەسەتنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن ناپاك بولۇپ قالغانلار ياكى ئۇزۇن سەپەردە بولۇپ قالغانلار بولسا، ماڭا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىۋەرسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 9:10
15 Referans Kwoze  

شۇڭا، ھەركىم ئاۋۋال بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئاندىن، ناندىن يەپ، جامدىكىدىن ئىچسۇن.


ھەدىيەڭلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭلار بىلەن يارىشىۋېلىڭلار، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭلارنى ئاتاڭلار.


يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


بۇنداق كىشىلەر بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ھېيت قىلسۇن. ھېيتنىڭ قۇربانلىقىنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن يېسۇن.


پادىشاھ، ئەمەلدارلار ۋە يېرۇسالېمدىكى پۈتۈن جامائەت بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.


ئەفرايىم، ماناسسە، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۆزلىرىنى پاكلىماي تۇرۇپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قۇربانلىق گۆشىنى يەپ قويۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆرسەتمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانىدى. شۇڭا خىزكىيا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان خۇدا، ساڭا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەن بىر قىسىم كىشىلەر گەرچە مۇقەددەس جاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزلىرىنى پاكلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.


2-ئايدا ناھايىتى كۆپ خەلق يېرۇسالېمدا جەم بولۇپ، پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite