Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 8:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئاندىن ئۇلار بىر تۇياق بۇقا ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىنىدىغان زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇن ئېلىپ كەلسۇن. سەن ئۆزۈڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تۇياق بۇقا ئېلىپ كەلگىن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 8:8
12 Referans Kwoze  

_ ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنى سۇنسۇن. ئۇنغا زەيتۇن يېغى قۇيسۇن ۋە مەستىكى رۇمى قويسۇن.


خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.


گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.


ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.


ھارۇن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ۋاقتىدا، مۇنداق قىلسۇن: گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق بۇقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار تەييار قىلسۇن.


_ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن.


بۇ ئىش ئۇلارغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، چوقۇم بىر تۇياق بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.


ئەگەر باش روھانىي گۇناھ سادىر قىلىپ، پۈتۈن جامائەتنى ئەيىبدار قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بېجىرىم بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن.


ئەگەر كالىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، مېنىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىشىم ئۈچۈن ھەممە ئەزايى بېجىرىم بولغان بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.


ئاندىن بۇ نانلارنى سېۋەتكە سېلىپ، بىر تۇياق بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن.


_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەندە، تۆۋەندىكى قائىدە-يوسۇن بويىچە ئىش كۆرگىن: بۇقىدىن بىرنى ۋە بېجىرىم قوچقاردىن ئىككىنى تاللىغىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite