Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 8:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ئەمما ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ياردەم قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئۆزى يالغۇز خىزمەت قىلسا بولمايدۇ. سەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسىنى مانا شۇنداق بەلگىلەپ بەرگىن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 8:26
10 Referans Kwoze  

لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئىسرائىللارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.»


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى جان-دىلىڭ بىلەن قىل. ئۆزۈڭنى ئۇلارغا شۇنداق ئاتىغىنكى، ھەممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇن.


ئۇلار ئىبادەتخانامدا دەرۋازىۋەنلىك، جامائەت ئۈچۈن كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى بوغۇزلاش قاتارلىق ھەر خىل يۈگۈر-يېتىم خىزمەتلەرنى قىلسا بولىدۇ.


ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە ئائىت تەلەپلىرىمنى بېجىرمەستىن، ئەكسىچە مېنىڭ ئىبادەتخانامدىكى خىزمەتلەرنى يات خەلقلەرگە بېرىۋەتتىڭلار.»


لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئىبادەتخانىغا قاراشقا مەسئۇل بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىغا، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرەتتى.


خەلققە تەقسىملەنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.


ئۇلار ساڭا ياردەملىشىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا، چېدىرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن. لاۋىيلاردىن باشقىلارنىڭ سىلەرگە يېقىنلىشىشىغا بولمايدۇ.


روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار لاۋىيلارنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇپ، مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.


50 يېشىدا دەم ئېلىشقا چىقىپ، قايتا خىزمەت قىلمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite