چۆلدە 8:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 لاۋىيلار پاكلىنىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، پاكلىدى. Gade chapit la |
_ لاۋىيلار ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆلتۈرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. ئەمدى مەن ئىسرائىل خەلقىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلىمەن. لاۋىيلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!