Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 8:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن خەلق پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلىپ، لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 8:20
7 Referans Kwoze  

مەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، ھەدىيە سۈپىتىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقدىم قىلدىم. ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەپ، خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلىشىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا بالا-قازا كەلمەيدۇ.


لاۋىيلار پاكلىنىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، پاكلىدى.


بارلىق ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا بۇيرۇغان قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلدى.


ئۇلارنى ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جاھازلىرىنى، شۇنداقلا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا قوي. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرىنى توشۇش ھەم قوغداش خىزمىتىنى قىلسۇن. ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.


1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، ئۇلار سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىنى خەلق بىر-بىرلەپ بەجا كەلتۈردى.


ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىسىلا، ئۇلار قوزغالمايتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite