Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 8:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرى مەيلى ئىنسان ياكى چارۋا مال بولسۇن، ماڭا تەئەللۇقتۇر. چۈنكى مەن مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنى ھالاك قىلغان كۈنى، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 8:17
18 Referans Kwoze  

_ سىلەر تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنى ماڭا ئاتاڭلار. چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرى ماڭا مەنسۇپتۇر، _ دېگەنىدى.


خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا «ئۆتۈپ كېتىش» كېچىسىنىڭ تامىقىنى تەييارلاش ۋە بوغۇزلانغان قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى ئىشىك كېشەكلىرىگە سۈركەشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى جان ئالغۇچى پەرىشتىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىغا تەگمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.


ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ۋە ئۆزىنى پاكلىغان قانغا سەل قارىسا، ئۆزىگە شەپقەت قىلغان مۇقەددەس روھنى ھاقارەت قىلسا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق بولمامدۇ؟!


ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن.


ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟


مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى پاك بىر خەلق قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئۇلارغا دەم ئېلىش كۈنىنى بەردىم.


ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ھالاك قىلدى تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى، يەنى ھالاك قىلدى ئادەم ۋە ماللارنىڭ تۇنجىلىرىنى.


ئاخىرىدا ئۆلتۈردى خۇدا مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنى _ ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇللارنى.


پەرۋەردىگار ئۆلتۈرۈۋەتتى مىسىردا بارلىق تۇنجى بالىلارنى، يەنى ھام چېدىرىنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇللارنى.


_ ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلمىسۇن، چۈنكى مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ بالىسى بولسۇن، بەرىبىر مېنىڭدۇر.


مەن ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىلا مۇقەددەس قىلىپ قالماستىن، بەلكى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىمۇ مۇقەددەس قىلىمەن.


شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پەرۋەردىگار تەختتە ئولتۇرغان پىرئەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ تاكى زىنداندىكى مەھبۇسلارنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى ئالدى، شۇنداقلا تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللارنىمۇ ئۆلتۈردى.


مانا ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا لاۋىيلارنى قويدۇم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite