Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 8:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ماڭا پۈتۈنلەي ھەدىيە قىلىنغاندۇر. مەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلدىم.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 8:16
6 Referans Kwoze  

_ لاۋىيلار ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆلتۈرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. ئەمدى مەن ئىسرائىل خەلقىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلىمەن. لاۋىيلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!


_ ئەمدى سەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنى ماڭا تەئەللۇق قىلغىن ۋە لاۋىيلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!


سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان لاۋىيلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەمدە بولۇشقا مەخسۇس تەيىنلەنسۇن.


_ سىلەر تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنى ماڭا ئاتاڭلار. چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرى ماڭا مەنسۇپتۇر، _ دېگەنىدى.


_ سەن لاۋىي قەبىلىسىنى روھانىي ھارۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالغىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite