Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 8:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 لاۋىيلار ئىككى تۇياق بۇقىنىڭ باشلىرىغا قوللىرىنى قويۇشسۇن، ھارۇن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، لاۋىيلارنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 8:12
25 Referans Kwoze  

سەن بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن.


دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ. قۇربانلىق قېنى تۆكۈلمەي، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.


ئاندىن مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئاتالغان بۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويدى.


قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىق قىلغاندا، قولىنى قۇربانلىق بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن. شۇندىلا قىلغان قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنىپ، گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.


ئاندىن ئۇلار بىر تۇياق بۇقا ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىنىدىغان زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇن ئېلىپ كەلسۇن. سەن ئۆزۈڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تۇياق بۇقا ئېلىپ كەلگىن.


روھانىي ئۇلارنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن


مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كەلسۇن: كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان، گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقار،


ئۇ ئىككى قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئاسىيلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن ۋە ئۇلارنى تېكىگە يۈكلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئادەم تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتسۇن.


ھارۇن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان بۇقىنى، يەنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن.


ھارۇن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن، ھېلىقى بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن.


ئۇنىڭدىن سىرت، ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكىنىچە ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تەييارلاپ، بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن.


ئاندىن مۇسا ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزۈڭ ۋە خەلقىڭنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن. ئاندىن خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر.


بۈگۈن قىلىنغان بارلىق ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى، بۇ سىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.


ئاندىن مۇسا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن قوچقارنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى.


ئەگەر ئۇنىڭ قوي ياكى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن.


قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش، ساغلىقنىڭمۇ مايلىرىنى چىقارسۇن. روھانىي ھەممە ماينى قۇربانلىق سۇپىسىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بىلەن بىرگە كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىنىدىغان بۇقىنى قانداق قىلغان بولسا، بۇ بۇقىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن. شۇندىلا خەلقنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن.


جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن.


سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن يۈزمۇيۈز قارىتىپ تۇرغۇزۇپ قويغىن. ھارۇن لاۋىيلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلىسۇن.


مۇسا بۇقىنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىدى. قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئورنى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite