4 پەرۋەردىگار مۇساغا:
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئالتە ھارۋا، ئون ئىككى تۇياق ئۆكۈز ھەدىيە قىلغان بولۇپ، ھەربىر قەبىلە باشلىقى بىردىن ئۆكۈز، ھەر ئىككى قەبىلە باشلىقى بىرلىشىپ، بىردىن ھارۋىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشكەنىدى.
_ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئالغىن. بۇ نەرسىلەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا ئىشلىتىڭلار. لاۋىيلارنىڭ ئىش تەقسىماتىغا قاراپ، بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگىن، _ دېدى.
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئابىنادابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى.