35 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇرنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر: رۇبېن قەبىلىسىدىن شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر،
گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،
بەشىنچى كۈنى شىمون قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.
رۇبېن قوشۇنلىرى تۇغىنى جەنۇب تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇردۇر.
ئۇنىڭ كەينىدىن رۇبېن تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. رۇبېن قەبىلىسىگە شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر يېتەكچىلىك قىلدى.