Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 7:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 7:14
13 Referans Kwoze  

قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، نازارەتچىلەر ئېشىپ قالغان كۈمۈشلەرنى پادىشاھ ۋە باش روھانىي يىھوياداغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ كۈمۈشلەر ئىبادەتخانىنىڭ مۇراسىملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئىسرىق تەخسىلىرىنى ۋە باشقا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارنى ياساشقا ئىشلىتىلدى. باش روھانىي يىھويادا ھايات ۋاقتىدا خەلق داۋاملىق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ تۇردى.


ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار ھەمدە ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئالتۇن ئىشىكلىرى.


ئالتۇن پىيالىلەر، ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇن بىلەن قاپلانغان مۇجۇقلىرى.


ئۇلار ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار قويۇلىدىغان شىرەنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، ئۈستىگە تاۋاقلار، تەخسىلەر، ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈپلەر ۋە چىنىلەرنى قويسۇن. ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار ئۇ يەردە تۇرسۇن.


شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تاۋاق ۋە تەخسە، شۇنداقلا ئىچىملىك ھەدىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان چىنە ۋە چەينەكلەرنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.


چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن يېغى، مۇقەددەس ياغ، ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي ئەشيالار،


ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،


كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،


ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،


ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite