Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 6:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئەگەر بىرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆستۈرگەن چېچى بۇلغانغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن يەتتە كۈندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 6:9
11 Referans Kwoze  

ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كىشى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ ئاستىدىكى ئوتقا تاشلىسۇن.


پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلالار بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇ خۇداغا بىر قەسەم قىلغانىدى.


يەتتىنچى كۈنى يەنە چاچ-ساقىلى، قاشلىرى ۋە بەدىنىدىكى پۈتۈن تۈكلەرنى چۈشۈرۈۋەتسۇن ۋە كىيىم-كېچىكىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئاندىن بۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ.


يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، جامائەتنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ:


پاكلانغۇچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، يۇيۇنسۇن. ئاندىن ئۇ كىشى پاك كىشى ھېسابلىنىپ، قارارگاھقا كىرسە بولىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاۋۋال ئۆز چېدىرىنىڭ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇرسۇن.


ئۇ ئۆزىنى بېغىشلىغان كۈنلەردە، مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولىدۇ.


ئۇنداقتا ئۇ قىزنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كېتىپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى ئېلىپ،


ئۇلار ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىپ، مۇقەددەس جايدىكى خىزمىتىنى قايتا باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆزلىرى ئۈچۈن پاكلىنىش قۇربانلىقى سۇنسۇن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite