Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 6:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزمىسۇن. ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان كۈنلەرنىڭ مۇددىتى توشقۇچە، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ يۈرسۇن. چۈنكى ئۇ، مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغاندۇر.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 6:5
9 Referans Kwoze  

ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ بەختسىزلىكىگە نەزەر سېلىپ، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلايمەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا قەتئىي ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە يول قويمايمەن، _ دېدى.


ئاخىرى شىمشون ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتىپ بەردى: _ چۈنكى مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلانغان بولغاچقا، ھازىرغىچە چېچىمنى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈپ باقمىغان. ئەگەر مېنىڭ چېچىم ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈلسە، ۋۇجۇدۇمدىكى كۈچ-قۇۋۋەت مەندىن ئايرىلىدۇ-دە، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن.


گېپىمنى ئاڭلا، سەن چوقۇم ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئۇ بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزمىسۇن، بۇ ئوغۇل قورساقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلانغاندۇر. ئۇ ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشنى باشلىغۇچىدۇر.


دىلەيلا شىمشوننى تىزىغا ياتقۇزۇپ ئۇخلىتىپ قويدى ۋە ئادەم چاقىرىپ كېلىپ، شىمشوننىڭ يەتتە ئۆرۈم چېچىنى تىغ بىلەن چۈشۈرگۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلدى، دىلەيلا ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى.


پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلالار بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇ خۇداغا بىر قەسەم قىلغانىدى.


ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە ئۈزۈمدىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى، ھەتتا ئۈزۈم ئۇرۇقى ۋە پوستىنىمۇ يېمىسۇن.


ئۇلار چېچىنى چۈشۈرمىسۇن ياكى ئۇزۇن قويمىسۇن، پەقەت چېچىنى ياساتسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite