Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 6:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كىشى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ ئاستىدىكى ئوتقا تاشلىسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 6:18
9 Referans Kwoze  

سىز ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تەۋراتتىكى تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىدىن ئۆتۈڭ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق چىقىملىرىنى ئۆزىڭىز كۆتۈرۈڭ. قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار قەسەملىرىنىڭ ئادا بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خالايىق سىز توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭمۇ تەۋراتقا رىئايە قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرىدۇ.


ئەگەر بىرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆستۈرگەن چېچى بۇلغانغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن يەتتە كۈندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن.


پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلالار بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇ خۇداغا بىر قەسەم قىلغانىدى.


شۇڭا، ئۇنىڭ چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتىگە مەدھىيىلەر ئوقۇيمىز. بىز خۇدانىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بۇنداق غايەت زور مېھىر-شەپقەتنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلدى.


بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ تۆت كىشىنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشكە باردى. ئۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ، روھانىيلارغا ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ توشۇپ، ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈننى مەلۇم قىلىپ قويدى.


سىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بۇيرۇغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئورۇندىغىنىڭلاردا: «بىز ئەرزىمەس قۇللىرىڭ، پەقەت ئۆز ۋەزىپىمىزنىلا ئورۇندىدۇق» دەڭلار.


ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزمىسۇن. ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان كۈنلەرنىڭ مۇددىتى توشقۇچە، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ يۈرسۇن. چۈنكى ئۇ، مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغاندۇر.


بىزنىڭچە مۇنداق قىلسىڭىز: ئارىمىزدا خۇدانى رازى قىلىش ئۈچۈن قەسەم بەرگەن تۆت ئادەم بار.


ھەمدە قوچقارنى پېتىر نان بىلەن ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن. روھانىي يەنە ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنىمۇ سۇنسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite