Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 6:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 بىر سېۋەت پېتىر نان، يەنى سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن پېتىر نان ۋە ئۇلار بىلەن بىللە سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 6:15
15 Referans Kwoze  

ئەگەر تونۇردا يېقىلغان ناننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلغان پېتىر توقاچ ياكى يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نانلار سۇنسۇن.


يەنە سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنىدىن پېتىر نان، زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نانلار تەييارلىغىن.


ۋە ئىككى لىتىر شاراب بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، تاكى رەببىمىز قايتىپ كەلگۈچە، ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگىنىڭلاردا ۋە ھەر قېتىم بۇ جامدىكىدىن ئىچكىنىڭلاردا، رەببىمىزنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولىسىلەر.


مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار.


كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئىچى ئاغرىشى ۋە بەخت ئاتا قىلىپ، مول ھوسۇل بېرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالايسىلەر.


ئەي روھانىيلار، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار. ئەي قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدىكى خىزمەتكارلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار، ئەي خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، كېچىدە ماتەملىك كىيىمىڭلار بىلەن يېتىڭلار. چۈنكى، ئەمدى خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قالمىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ توختىدى. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ھازا تۇتماقتا.


پەقەت ھوسۇل يىغقانلارلا ھوسۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدۇ، ئۈزۈم يىغقۇچىلارلا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا ئۈزۈم شارابىنى ئىچەلەيدۇ.» دەيدۇ.


ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر بۇقا ۋە بىر قوچقارنى كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قۇربانلىق قىلىڭلار، ھەم بۇلار بىلەن بىرلىكتە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلەرگە زاھىر بولىدۇ» دېگىن.


_ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن.


ئەگەر بىرسى ماڭا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولسا، مىننەتدارلىق قۇربانلىقى بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ، زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نان ۋە سۈپەتلىك ئۇندا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلغان خېمىردا قىلىنغان توقاچنى سۇنسۇن.


روھانىي ئۇلارنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite