Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 5:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 ئەگەر ئۇ ئايال بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولۇپ، پاك بولسا، ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ ھەمدە پەرزەنت كۆرەلەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 5:28
8 Referans Kwoze  

بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ.


بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.


ئۇ شادلىق بېغىشلار تۇغماس ئايالغا، ئۆز ئۆيىدە قۇچىقىنى تولدۇرار بالىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.


روھانىي ئۇ ئايالغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، مۇنداق دېسۇن: ‹ئەگەر سەن بىرەر ئەر بىلەن ياتمىغان، ئېرىڭنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولساڭ، لەنەت ياغدۇرىدىغان بۇ زەرداب سۇنىڭ زەھەرلىشىدىن خالاس بولىسەن.


روھانىي بۇ سۇنى ئىچكۈزگەندە، ئەگەر ئۇ ئايال ھەقىقەتەن ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنى جەبىر-زۇلۇمغا سالىدۇ. قورسىقى كۆپۈپ، بالىياتقۇسى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئايال خەلقىنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى بولىدۇ.


مانا بۇ، بىر ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئەمرىدە تۇرۇقلۇق يولدىن چىقىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان ياكى ئېرىنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ، ئايالىنى كۈنلىگەن چاغدىكى گۇمانلىق ئىشلارنى ھەل قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇندۇر. شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ئەر ئايالىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي بۇ قانۇننى تولۇق ئىجرا قىلسۇن.


_ ئەگەر بىر ئادەم توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ بىرەر خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۇنى تالاق قىلىپ، قولىغا تالاق خېتىنى يېزىپ بېرىپ، ئۆيىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن بولسا،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite