25 روھانىي ئايالنىڭ قولىدىكى كۈندەشلىكنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيەنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا ئېلىپ كەلسۇن.
ئاندىن ھەممىسىنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزدى. ئۇلار ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئېگىز كۆتۈردى.
روھانىي مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ ئايالنىڭ چېچىنى چۇۋۇپ، كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەنى ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسۇن، شۇنداقلا روھانىي لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان زەرداب سۈيىنى قولىغا ئېلىپ تۇرسۇن.
ئەر ئايالىنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. ئۇ يەنە ئايالى ئۈچۈن بىر كىلو ئارپا ئۇنىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئېلىپ بارسۇن. بۇ كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيە بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى قۇيمىسۇن، ئىسرىقنىمۇ سالمىسۇن.
ئۇلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزغىن. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن.
روھانىي ئۇ ئايالغا لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ زەرداب سۈيىنى ئىچكۈزسۇن. سۇ ئايالنىڭ قورسىقىغا كىرگەندە، ئەگەر ئايال گۇناھكار بولسا، سۇ ئۇنىڭغا ئېغىر ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.
روھانىي ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر سىقىم ئېلىپ، ئۇنى نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. كېيىن زەرداب سۈيىنى ئايالغا ئىچكۈزسۇن.