Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 5:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 روھانىي بۇ لەنەت سۆزلىرىنى تېرىگە يازسۇن، ئاندىن ئۇنى زەرداب سۈيىدە يۇيسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 5:23
14 Referans Kwoze  

مەن يەنە ئۆلۈكلەرنى كۆردۈم. كاتتا ياكى ئەرزىمەس بولسۇن، ھەممىسى تەختنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. كىتابلار ئېچىلدى. «ھاياتلىق دەپتىرى» دېيىلگەن يەنە بىر كىتابمۇ ئېچىلدى. ئۆلۈكلەر كىتابلاردا خاتىرىلەنگەنلەر بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! شۇنداق قىلغاندا، خۇدا گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.


مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى ئۆچۈرۈۋەتتىم، گۇناھىڭلار بۇلۇتلاردەك، ئەتىگەندىكى تۇماندەك غايىب بولدى. يولۇمغا قايتىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنى ئۆزۈمگە قايتۇردۇم.»


مەن سىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىمەن، گۇناھىڭلارنى ئېسىمدە تۇتمايمەن.


نەزىرىڭدىن ساقىت قىلىپ گۇناھلىرىمنى، ئۆچۈرۈۋەتكىن ساڭا قىلغان ئىتائەتسىزلىكىمنى.


رەھىمىڭنى ئىلتىپات ئەيلىگەيسەن، ئى خۇدا، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بار سەندە. كەچۈرگەيسەن مېنىڭ قىلغان گۇناھىمنى، چەكسىز رەھىمدىللىك خىسلىتىڭدە.


كاشكى، ئەرزىمنى ئاڭلايدىغان بىرى بولسا ئىدى! قارا، بۇ يەرگە ئىمزايىمنى قويدۇم، ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا جاۋاب بەرسۇن! ئۈستۈمدىن ئەرز قىلغۇچى ئەرزىنى يازسۇن!


‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىدا ئوقۇلغان ئاشۇ يازمىدىكى قارغىشلاردا تىلغا ئېلىنغان بالا-قازانى بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا چۈشۈرىمەن.


سەن ھازىر بىر مۇناجات يازغىن. ئۇنى ئىسرائىل خەلقىگە ئۆگەتكىن، ئۇلار ئۇنى ئېيتسۇن. بۇ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولىدۇ.


ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغىن. ئامالەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىمنى يوشۇۋاغا يەتكۈزۈپ قوي، _ دېدى.


بۇ سۇ ئىچىڭگە كىرىپ، ساڭا لەنەت ئېلىپ كەلسۇن ھەمدە قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، بالىياتقۇڭنى چۈشۈرۈۋەتسۇن.› كېيىن ئۇ ئايال ‹ئامىن، ئامىن› دېسۇن.


روھانىي ئۇ ئايالغا لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ زەرداب سۈيىنى ئىچكۈزسۇن. سۇ ئايالنىڭ قورسىقىغا كىرگەندە، ئەگەر ئايال گۇناھكار بولسا، سۇ ئۇنىڭغا ئېغىر ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite