22 بۇ سۇ ئىچىڭگە كىرىپ، ساڭا لەنەت ئېلىپ كەلسۇن ھەمدە قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، بالىياتقۇڭنى چۈشۈرۈۋەتسۇن.› كېيىن ئۇ ئايال ‹ئامىن، ئامىن› دېسۇن.
ئۇ ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيىدۇ لەنەتلەرنى، لەنەتلىرى ئاققان سۇدەك كىرسۇن ئىچىگە، سىڭىپ كەتسۇن ماي كەبى سۆڭەكلىرىگە.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانئوغلىنىڭ تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بولمايدۇ.
بىلىپ قويۇڭكى، بىز بىلىدىغىنىمىزنى ۋە كۆرگىنىمىزنى ئېيتساقمۇ، سىلەر يەنىلا بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايۋاتىسىلەر.
ھەزرىتى ئەيسا: - بىلىپ قويۇڭكى، ھېچكىم قايتىدىن تۆرەلمىگۈچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەيدۇ! - دېدى.
ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ساڭا بەرگەن بۇ يازمىنى يە، ئۇنىڭ بىلەن قورسىقىڭنى تويدۇر، _ دېدى. مەن يازمىنى يېدىم، يازما ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى.
شۇڭا سىلەر ئۆز بېشىڭلارنى يەيسىلەر، ئۆزۈڭلار كولىغان ئورىغا ئۆزۈڭلار چۈشىسىلەر.
پەرۋەردىگارغا مەڭگۈ ھەمدۇسانالار بولغاي! ئامىن، ئامىن!
مەڭگۈگە تەرىپلەنگەي ئۇنىڭ نام-شەرىپى، پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلىغاي شان-شەرىپى. ئامىن، ئامىن!
مەدھىيەلەر بولغاي پەرۋەردىگارغا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا، مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە! ئامىن، ئامىن!
روھانىي بۇ سۇنى ئىچكۈزگەندە، ئەگەر ئۇ ئايال ھەقىقەتەن ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنى جەبىر-زۇلۇمغا سالىدۇ. قورسىقى كۆپۈپ، بالىياتقۇسى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئايال خەلقىنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى بولىدۇ.
روھانىي بۇ لەنەت سۆزلىرىنى تېرىگە يازسۇن، ئاندىن ئۇنى زەرداب سۈيىدە يۇيسۇن.