Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 5:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ئەر ئايالىنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. ئۇ يەنە ئايالى ئۈچۈن بىر كىلو ئارپا ئۇنىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئېلىپ بارسۇن. بۇ كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيە بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى قۇيمىسۇن، ئىسرىقنىمۇ سالمىسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 5:15
9 Referans Kwoze  

مىسىر ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۈمىدى بولالمايدۇ، ئەكسىچە مىسىر ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغان چاغدىكى گۇناھىنى ئەسلىتىدۇ. شۇندىلا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئىلياسقا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ماڭا نېمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ سىز بۇ يەرگە گۇناھلىرىمنى ئېسىمگە سالغىلى ۋە ئوغلۇمنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەنمىدىڭىز؟ _ دېدى.


ئەگەر ئۇ قۇربانلىق قىلىشقا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تاپالمىسا، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇننى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ياكى مەستىكى رۇمى قوشۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر.


ھالبۇكى، ئۇ قۇربانلىقلار ئۇلارغا ئۆز گۇناھلىرىنى ھەر يىلى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.


شۇڭا مەن ئايالىمنى 170 گىرام كۈمۈش ۋە 150 كىلو ئارپىغا سېتىۋالدىم.


_ ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنى سۇنسۇن. ئۇنغا زەيتۇن يېغى قۇيسۇن ۋە مەستىكى رۇمى قويسۇن.


روھانىي ئۇ ئايالنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، تۇرغۇزسۇن.


لېكىن يېرۇسالېملىقلار بابىل پادىشاھىنىڭ سالغان پالىغا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بابىل پادىشاھىغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ قەسەم ئىچىشكەنىدى. لېكىن بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئىسيانكارلىقىنى يۈزىگە سېلىپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ.


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، سىلەردىن بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىدىن قۇربانلىق قىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite