14 ئەرنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ بۇزۇقچىلىق قىلغان ئايالىنى كۈنلىسە، ياكى ئايالى بۇزۇقچىلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئايالىنى كۈنلىسە،
قولۇڭدىكى مۆھۈر ئۈزۈكتەك، مۆھۈرلىۋال مېنى قەلبىڭگە. مۇھەببەت كۈچلۈكتۇر ئۆلۈمدەك، ئىشق مۇستەھكەمدۇر لەھەتتەك. سۆيگۈنىڭ ئۇچقۇنلىرى كۆيدۈرەر ئوتتەك، قۇدرەتلىك يالقۇندەك.
چۈنكى ئايالنىڭ ئېرى غەزەپكە كېلەر كۈندەشلىك ئوتىدا، ھەرگىز رەھىم قىلماس ئۇ ئىنتىقام ئالغاندا.
بۇنداق قىلساق، رەببىمىزنىڭ غەزىپىنى قوزغايمىز. ئۇنىڭ جازالىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا كۈچىمىز يېتەمدۇ؟!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى مېنى كۈتۈڭلار، مېنىڭ سوراق كۈنۈمنى كۈتۈڭلار! مەن ھەممە ئەللەر ۋە خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا قەھر-غەزىپىمنى چېچىش قارارىغا كەلدىم. پۈتۈن دۇنيا غەزەپ ئوتۇم بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.»