Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 چېدىرلارنى كۆچۈرگەن چاغدا ئاۋۋال ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنى چۈشۈرۈپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 4:5
23 Referans Kwoze  

ئۇ يەردىكى پەردىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس دەپ ئاتالغان يەنە بىر بۆلۈم بار ئىدى.


شۇ ۋاقىتتا، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. زېمىن سىلكىنىپ، تاشلار يېرىلىپ،


چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىنىڭ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق ئەرشتىكى ئىبادەتخانا پەردىسىدىن ئۆتۈپ، بىزدىن ئاۋۋال ئۇ يەرگە كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يېڭى بىر يولنى بىزگە ئېچىپ بەردى.


بۇ تاغدا پەرۋەردىگار بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىدىكى كېپەنلىكنى ئېلىپ تاشلايدۇ. پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىكى ئاخىرەتلىك يېپىنچىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.


ھەر قېتىم ئۇلار يولغا چىققاندا، ئالدى بىلەن يەھۇدا تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. يەھۇدا قەبىلىسىگە ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون يېتەكچىلىك قىلدى.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.


ئون پەرز يېزىلغان تاش تاختىلار سېلىنغان ئەھدە ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئۇنى پەردە بىلەن توسۇپ قويغىن.


ئېسىل زىغىر رەختتىن بىر پەردە تىكىپ، ئۇنىڭغا كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس كەشتىلىدى.


ئالتۇن ئىسرىقداننى ئېلىپ كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا، يەنى پەردىنىڭ سىرتىغا قويغىن. ئاندىن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە تارتىپ قويغىن.


_ ئاكاڭ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇ پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىغا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا خالىغانچە يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. چۈنكى مەن «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بۇلۇت ئىچىدە زاھىر بولىمەن.


قوھاتلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە مەسئۇل بولۇشتۇر.


بىراق قوھات ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، مۇسا ئۇلارغا ھېچنېمە بەرمىدى.


مۇسا بۇ قانۇننى ئۆزى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا بەردى.


پەرۋەردىگار بەيت-شەمەشلىكلەردىن يەتمىش كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغانىدى. ئاھالىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچە قاتتىق جازالىغانلىقىغا قايغۇرۇپ ھازا ئېچىشتى.


لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن ئەمرى بويىچە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداقلار بىلەن مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭدى.


شۇڭا لاۋىيلار بۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئىچىدىكى بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ».


سۇلايمان يەنە ئېسىل زىغىر رەختتىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا پەردە تىكتۈرۈپ، ئۈستىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى كەشتىلەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite