41 گېرشون جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا ۋە ھارۇن گېرشون جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى.
ئۇلارنىڭ سانى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە جەمئىي 2630 كىشى بولۇپ چىقتى.
ئۇلار مىرارى جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ،
مۇسا ئۇلارنى رويخەتكە ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى.
پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ھەربىر ئادەمنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى توشۇيدىغانلىقى بەلگىلەندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە رويخەتكە ئېلىندى.