Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 قوھاتلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە مەسئۇل بولۇشتۇر.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 4:4
11 Referans Kwoze  

قوھاتلار ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە يېقىنلاشقاندا، ئۆلۈپ كەتمەي ھايات قېلىشى ئۈچۈن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوھاتلار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىرگە كىرىپ، قوھاتلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن.


بۇ، سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يولغا چىقىدىغان چاغدا، چاكارلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. دەرۋازىدىكى كۆزەتچىگىمۇ ھوشيار بولۇشنى تاپىلايدۇ.


ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالغىن.


گېرشون جەمەتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەش ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلىش بولسۇن.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.


ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئېلىڭلار.


چېدىرلارنى كۆچۈرگەن چاغدا ئاۋۋال ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنى چۈشۈرۈپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن.


ئاندىن كېيىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار قارارگاھقا يېتىپ بارغۇچە، ئىبادەت چېدىرى تىكىلىپ بولغانىدى.


بىراق قوھات ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، مۇسا ئۇلارغا ھېچنېمە بەرمىدى.


داۋۇت لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى دەپ ئۈچ توپقا بۆلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite