33 مانا بۇلار مىرارى جەمەتىدىكىلەرنىڭ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك پۈتۈن ۋەزىپىلىرىدۇر.
مانا بۇلار گېرشونلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىلىرىدۇر. ئۇلار روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلسۇن.
بىرى، ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئاكىسىنى تارتىپ، ئۇنىڭغا: «سېنىڭ چاپىنىڭ بار ئىكەن، سەن بىزگە باشلىق بولغىن، بۇ خارابىلىكنى باشقۇرغىن» دەيدۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا روھانىيلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار. شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.
ھويلىنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى، تانىلىرى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى توشۇشقا مەسئۇل بولسۇن. ھەربىر ئادەمنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن.
مۇسا، ھارۇن ۋە جامائەت ئاقساقاللىرى قوھات جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ،
ئەھدە چېدىرى، يەنى ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە لاۋىيلار تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولۇپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ سانىقىدىن ئۆتتى.