Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 4:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 ھويلىنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى، تانىلىرى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى توشۇشقا مەسئۇل بولسۇن. ھەربىر ئادەمنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 4:32
12 Referans Kwoze  

ئەھدە چېدىرى، يەنى ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە لاۋىيلار تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولۇپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ سانىقىدىن ئۆتتى.


يەنە بىر قىسىم لاۋىيلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىدىكى نەرسىلەرگە، باشقا بۇيۇملارغا ۋە ئۇن، شاراب، زەيتۇن يېغى، ئىسرىق، خۇشبۇي ئەشيا قاتارلىقلارغا قارايتتى.


مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سايمانلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى.


ئۇلار باشقا ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن نەرسە-كېرەكلىرىگە مەسئۇل بولسۇن.


تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن، ئىلمەك ۋە چەمبەرلەر كۈمۈشتىن تەييارلاندى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى كۈمۈش بىلەن قاپلاندى. دېمەك، ھويلىنىڭ ئەتراپىغا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدا ياپىلاق كۈمۈش چەمبەرلەر بولدى.


ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىچىدىكى نەرسىلەر مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوخشاش ياسالسۇن.


ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى توشۇش بولۇپ، ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، توغرا بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى،


مانا بۇلار مىرارى جەمەتىدىكىلەرنىڭ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك پۈتۈن ۋەزىپىلىرىدۇر.


_ ئىبادەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپى ئېسىل زىغىر رەختلەر بىلەن توسۇلۇپ، ھويلا قىلىنسۇن. ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر بولسۇن.


ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، توغرا بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك سايمانلارغا، شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى ۋە تانىلىرىغا ھەمدە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ھەربىر ئادەمنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى توشۇيدىغانلىقى بەلگىلەندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە رويخەتكە ئېلىندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite